ۋۇخەندە ئوتتۇرىغا چىققان باكتېرىيە ئامېرىكىدا بىر كىشىدە بايقالدى

ۋاشىنگتوندا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر خىل «سىرلىق» كېسەللىككە سەۋەب بولغان باكتېرىيە بايقالدى.

1345056
ۋۇخەندە ئوتتۇرىغا چىققان باكتېرىيە ئامېرىكىدا بىر كىشىدە بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا بىر ئادەمدە، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ (ئۆپكە ياللۇغىغا ئوخشاپ كېتىدىغان) بىر خىل «سىرلىق» كېسەللىككە سەۋەب بولغان باكتېرىيە بايقالدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ قايتقاندىن كېيىن كېسەل بولۇپ ۋاشىنگتوندا بالنىستقا ئېلىنغان مەزكۇر كىشىدە، ۋۇخەندە كۆرۈلگەن باكتېرىيە بىلەن ئوخشاش باكتېرىيە بايقالغان.

خەۋەرلەردە، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان مەزكۇر كىشىنىڭ كىملىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر