ستولتېنبېرگ: تۈركىيە بولمىغان بولسا، دائېشقا قارشى ھازىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتۇق

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ جەنۇبىي قانىتى ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ستولتېنبېرگ: تۈركىيە بولمىغان بولسا، دائېشقا قارشى ھازىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىدا سۆز قىلىپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن يېنس ستولتېنبېرگ، ياۋروپانىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ناتو بايرىقى ئاستىدا ئىتتىپاق تۈزگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيەدىن ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ستولتېنبېرگ، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىنى، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشكە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تۈركىيە مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش. تۈركىيە شۇنداقلا ئەڭ كۆپ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن بىر ئىتتىپاقداش. دائېشقا قارشى كۈرەشتە مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. ئىراق ۋە سۈرىيە بىلەن چېگراداش بولغان تۈركىيە تەمىنلىگەن ئۇل – ئەسلىھە بولمىغان بولسا ئىدى، دائېشقا قارشى كۈرەشتە قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغان بولاتتى» دېدى.

ئۇ يەنە ياۋروپادىكى ھەربىي ھەمكارلىق ۋە ئورتاق ئارمىيە قۇرۇش توغرىسىدىكى دەتالاشلار ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ياۋروپانىڭ مۇداپىئە سېلىنمىسىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ ناتو بىلەن تەڭداش بىر تەشكىلات قۇرۇش دېگەنلىك بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە بۇ مەسىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان ناتو ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئارىلىق قالدۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر