رۇسلار ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونلىرىنى بومباردىمان قىلدى

رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونى» تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەر رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ 26 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1345049
رۇسلار ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەر قارمىقىدىكى ئايروپىلان كۆزىتىش ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن تارتىپ ئىدلىبنىڭ بارا، بسىدا ۋە ماساران يېزىسى بىلەن ھەلەبنىڭ غەرب تەرىپىدىكى كەفەر دائەل، مەنسۇرا، كەفەر تەئال، ئىرھاب، تاكاد، شامىكو، ئىندومى، جىدرايا، كەفەر ناھا، تەرمائىن ۋە كەفەر نۇران يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى باشلىغان.

پۇقراۋى قوغدىنىش (ئاق خالاتلىقلار) ئەترىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇملار نەتىجىسىدە ئىدلىبنىڭ بارا يېزىسىدا 2، ھەلەبنىڭ غەرب تەرىپىدىكى كەفەر تەئال يېزىسىدا بىر ئائىلىدىن 6 سى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 9، جىدرايادا 2، ترمائىندا 1، كەفەر ناھادا 2، ئىرھابتا 1، كەفەر نۇراندا 8 بولۇپ جەمئىي 26 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.

پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى بىر تەرەپتىن ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوت كەتكەن جايلارغا مۇداخىلە قىلدى.

ھۇجۇم داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر