خىتايدا تارقىلىۋاتقان سىرلىق كېسەللىك تۈپەيلىدىن 4 كىشى ئۆلدى

خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋابا كېسىلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سىرلىق كېسەللىك تۈپەيلى 4 كىشى ئۆلدى.

خىتايدا تارقىلىۋاتقان سىرلىق كېسەللىك تۈپەيلىدىن 4 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: خىتاي سەھىيە مەسئۇللىرى خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە 2019يىلى دېكابىردا پەيدا بولغان يېڭى بىر خىل يۇقۇملۇق ۋىرۇستىن كېلىپ چىققان سىرلىق كېسەللىك سەۋەبىدىن يەنە 4 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ۋابا كېسىلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ سىرلىق كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى پۇقراسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئاۋستېرالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى خىتايدىكى بۇ يۇقۇملۇق ۋېرۇسقا قارشى ئاۋستېرالىيەنىڭ بارلىق ئايرودورۇملىرىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي قۇرۇغلۇقى بىلەن ئۆزئارا ساياھەتلىرى زىچ بولغان خوڭكوڭ، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان يولىچىلارغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى يولغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكادىمۇ ئاز دېگەندە 3 ئايرودۇرۇمدا خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلارنى مەخسۇس سالامەتلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈش باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر