خىتايدىكى سىرلىق كېسەل 6 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى

خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋابا كېسىلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سىرلىق كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 6 گە ئۆرلىدى.

1344807
خىتايدىكى سىرلىق كېسەل 6 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى ۋۇخەن شەھىرىدە پەيدا بولغان يېڭى بىر خىل يۇقۇملۇق ۋىرۇس بىلەن تۈنۈگۈنكىنى قوشقاندا، 291 كىشىنىڭ ياللۇغلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

ۋابا كېسىلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ سىرلىق كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى پۇقراسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئاۋستېرالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى خىتايدىكى بۇ يۇقۇملۇق ۋېرۇسقا قارشى ئاۋستېرالىيەنىڭ بارلىق ئايرودورۇملىرىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي قۇرۇغلۇقى بىلەن ئۆزئارا ساياھەتلىرى زىچ بولغان خوڭكوڭ، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان يولىچىلارغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى يولغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكادىمۇ ئاز دېگەندە 3 ئايرودۇرۇمدا خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلارنى مەخسۇس سالامەتلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈش باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر