دونالد ترامپنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە 3 مىليون دوللار مۇكاپات

ئىران پارلامېنت ئەزاسى ئەھمەد ھەمزە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە 3 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دونالد ترامپنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە 3 مىليون دوللار مۇكاپات

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەھمەد ھەمزە ئىران پارلامېنتىغا قىرمان ۋىلايىتىگە قاراشلىق كەھنۇچ شەھىرىدىن ئەزالىققا سايلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن قاسىم سۇلايمانىنىڭ قىرمانلىق ئىكەنلىكىنى ۋە قىرمان خەلقى نامىدىن دونالد ترامپنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە 3 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، «قىرمان خەلقى نامىدىن ترامپنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە نەق 3 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىمىز» دېدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يادرو كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغا چىكىنىپ چىققاندىن كېيىن دونالد ترامپنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىران بىلەن بولغان كېلىشىمدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھېچقانداق قەدەم تاشلىمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەھمەد ھەمزە، ئىران ھۆكۈمىتىگە يادرولۇق قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىدىن چىقىپ كېتىپ، يادرولۇق قورال ئىشلەپ چىقىرىش چاقىرىقىدا بولدى.

ئىران پارلامېنت ئەزاسى ئەھمەد ھەمزە: «بۈگۈنكى كۈندە يادرولۇق قورالغا ئىگە بولغان بولساق ئىدۇق، تەھدىتلەرگە دۇچ كەلمىگەن بولاتتۇق. ئەمدىلىكتە ياۋروپانىڭمۇ ئەھدىنامىلىرىدىن يېنىۋالغانلىقىغا قارىغاندا، ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا يادرولۇق پارتلاشلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يادرولۇق كۈچلەر كۈلۈبىغا قېتىلغانلىقىمىزنى دۇنياغا جاكارلاپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر