جاممۇ كەشمىردە 10 كىچىك بالا نامەلۇم كېسەللىككە دۇچار بولۇپ جېنىدىن ئايرىلدى
رامناگار بازىرىدا بەزى بالىلارنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىش، قۇسۇش ۋە سۈيدۈك ئازلاپ كېتىش دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن دوختۇرخانىغا كەلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدىكى ئەمەلدارلار، مەنبەسى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان بىر كېسەللىك سەۋەبىدىن يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە كەم دېگەندە 10 بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يەنە 6 بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
رامناگار بازىرىدا بەزى بالىلارنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىش، قۇسۇش ۋە سۈيدۈك ئازلاپ كېتىش دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن دوختۇرخانىغا كەلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سەھىيە خادىملىرى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر ئۆتكەن ئىككى ھەپتە ئىچىدە كەم دېگەندە 10 بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 4 ياشتىن تۆۋەن 6 بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ۋەقەدىن كېيىن رايونغا يېتىپ بارغان سەھىيە مىنىستىرلىقى خادىملىرى، تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار 12 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.