ھۇسىيلارنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 45 كە يەتتى

ئىران ھامىيلىقىدىكى ھۇسىيلارنىڭ يەمەننىڭ مەئرىب شەھىرىدىكى ھۆكۈمەتكە تەۋە بىر ھەربىي گازارمىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 45 كە يەتتى.

1343281
ھۇسىيلارنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 45 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەسكەر ئىكەنلىكى، ھۇجۇمنىڭ دەم ئېلىش پەيتىدە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇنىڭدىن ئاۋۋال ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بىر ھەربىي مەنبەدىن ئېلىنغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئىران ھامىيلىقىدىكى ھۇسىيلارنىڭ مەزكۇر ھۇجۇمى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان.

پايتەخت سەنئانىڭ شەرقىدىكى نەھەم ناھىيەسىدە تۈنۈگۈن ھۇسىيلار بىلەن يەمەن ئارمىيەسى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 23 ھۇسىي ئەزاسى بىلەن 3 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە، ئىران ھامىيلىقىدىكى ھۇسىيلار 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان سەنئا ۋە باشقا بەزى رايونلارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر بولسا 2015 – يىلى مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر