ترامپ: خامەنېي گەپ - سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، «ئۇ (خامەنېي) گەپ – سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

1343068
ترامپ: خامەنېي گەپ - سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىران لىدېرى ئەلى خامەنېينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «ئۇ (خامەنېي) گەپ – سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئىراننىڭ ئاتالمىش دىنىي لىدېرى – ئۇ زات يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇنچىۋالا ئۇلۇغمۇ ئەمەس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا توغرىسىدا بەزى ناچار گەپلەرنى قىپتۇمىش. ئىراننىڭ ئىقتىسادىي ناچار كېتىۋاتىدۇ ۋە خەلقى ئۇنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ. ئۇ (خامەنېي) گەپ – سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك!» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ 3 – يانۋاردا باغداد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇددۇس قىسىملىرى قوماندانى قاسىم سۇلەيمانىنى ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈشىدىن كېيىن، ئىران 8 – يانۋاردا ئامېرىكا قىسىملىرى تۇرۇۋاتقان ئەلئەسەد ۋە ئەربىل بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن؛ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق يۈكسەك پەللىگە يەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر