برىئان خۇك: ئىران دۇنياغا تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرغانسېرى، تېخىمۇ يالغۇز قالىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران ئالاھىدە ۋەكىلى برىئان خۇك، «ئىران تۈزۈمى دۇنياغا تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرغانسېرى، تېخىمۇ يالغۇز قالىدۇ» دېدى.

1343001
برىئان خۇك: ئىران دۇنياغا تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرغانسېرى، تېخىمۇ يالغۇز قالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران ئالاھىدە ۋەكىلى برىئان خۇك، ئىران لىدېرى ئەلى خامەنېينىڭ تۈنۈگۈنكى سۆزلىرىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، «ئىران تۈزۈمى دۇنياغا تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرغانسېرى، تېخىمۇ يالغۇز قالىدۇ» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ ئىران ئالاھىدە ۋەكىلى برىئان خۇك، ئىران – ئامېرىكا سوغۇقچىلىقى توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قوماندانلىرىدىن ھەسەن شاھۋارپۇرنىمۇ ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدا رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىنىڭ تېھران دائىرىلىرىنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن برىئان خۇك، مەزكۇر ئېمبارگولار يۈزىسىدىن بۇ دۆلەتنىڭ نېفىت سېتىشىنىڭ %80 تۆۋەنلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ سەۋەب بولىدىغان يىللىق زىيىنىنىڭ 50 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، تېھراننىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ئىراننى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېھراننى تەھدىتلەرگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

ئىران لىدېرى ئەلى خامەنېي تۈنۈگۈن تېھران ئىمامخۇمەينى نامازگاھىدا ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئوقۇغان جۈمە خۇتبىسى جەريانىدا ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئەسكەرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى دۆلەت چېگراسىنىڭ سىرتىغا كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر