ياۋروپا ئىتتىپاقى  كېڭىشىنىڭ باشلىقى پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىچېل رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1342743
ياۋروپا ئىتتىپاقى  كېڭىشىنىڭ باشلىقى پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، مىچېل بىلەن پۇتىننىڭ تۇنجى قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىدە، رايونلۇق خىرىسلارنى تۇغدۇرۇۋاتقان لىۋىيە كىرىزىسى ۋە توقۇنۇشلارنى توختىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

مىچېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پىلانى ۋە بېرلىن باسقۇچىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە پۇتىنغا مەلۇمات بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكرارلىغان.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە،  ئىككى رەھبەر، تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى ۋە سىياسىي باسقۇچنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر