ئافغانىستان تالىبان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سالام راھىمى تالىبان بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1342722
ئافغانىستان تالىبان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: راھىمى پايتەخت كابۇلدا بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىن كېيىن تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىمۇ بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى، تالىبان بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان ھەيئەت ئەزالىرى تىزىملىكىنىڭ تاماملانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تالىبان بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ھەيئىتىىمىز بىلەن بىرلىكتە تەييارمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، سۆھبەت باشلىنىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، تالىباننىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بولمىسا، زوراۋانلىقنى ئازايتىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر.»

ئالدىنقى يىلى باشلىنىپ، ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن،  ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىمۇ بىۋاسىتە سۆھبەتنىڭ باشلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر