ھىندىستان ئالاقىلىشش (خەۋەرلىشىش) سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى
ھىندىستان ئالەم تەتقىقاتى تەشكىلاتى ئالاقىلىشش (خەۋەرلىشىش) سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى.
1342731
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ئالەم قاتنىشى تەتقىقاتى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، فىرانسىيەنىڭ گۇيانا رايونىدىن شۇ جاي ۋاقتى كېچە سائەت 2 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە قويۇپ بېرىلگەن « GSAT-30» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ئىلغار تېلېۋېزىيە، تېلېگراف ۋە ئاڭلىتىش – تارقىتىش مۇلازىمىتىدە ئىشلىتىلىدىكەن.
3 توننا 357 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتى 15 يىل ئىكەن.