ب د ت پ ك ك نىڭ بالىلارنى ئۇرۇشقا سالغانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى بالىلارنى جەڭچى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكىگە ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلارنى ئېلان قىلدى.

1342717
ب د ت پ ك ك نىڭ بالىلارنى ئۇرۇشقا سالغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېڭەش تەرىپىدىن رايوندىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان «تېررورچىلار بالىلارنىڭ ئۈمىدلىرىنى ۋەيران قىلدى: سۈرىيەدىكى بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى» ناملىق دوكلاتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ 18  ياشتىن تۆۋەن قىز – ئوغۇل بالىلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا قىلىدىغانلىقى، بۇ بالىلارنى ھەلەب، ھەسەكى، ئەينۇلئەرەب (كوبانى) ۋە رەققەدە جەڭچى سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن بىر مەنبەنىڭ، قورال ناھايىتى چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، 10 ياشلىق بىر بالىنىڭ «كالاشىنكوۋ» ناملىق ئاپتوماتنى قانداق سۆرەپ ئېلىپ ماڭغانلىقى، ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ بالىلارنى دۆلەت ئىگىدىلىكى مەكتەپلەرگە تىزىمغا ئالدۇرغان ئائىلىلەرگە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئوقۇتۇش ئىشلىرى تۈرك تىلىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئافرىن، باب ۋە جەرابلۇستىكى مەكتەپلەردىكى مائارىپ تۈزۈلمىسىنى قوللىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ پۇقرالارنى تالاپەتكە ئۇچرىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر