پۇتىن رۇسىيەنىڭ باش مىنىستىرىنى ئالماشتۇردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن مىخائىل مىشۇستىن (Mihail Mişustin) نى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى.

1342179
پۇتىن رۇسىيەنىڭ باش مىنىستىرىنى ئالماشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن قارارنامە ئىمزالاپ، مىخائىل مىشۇستىننى باش مىنىستىرىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى. مىخائىل مىشۇستىننىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە بولغان نامزاتلىقى، بۈگۈن (2020-يىلى 16-يانۋار) رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان دۇمادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز بېرىشتە، 424 دۇما ئەزاسى ئىچىدىن 383 ئەزانىڭ قوللىشى، 41 ئەزانىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

سابىق باش مىنىستىر دمىترىي مېدۋېدېۋ پۇتىننىڭ يەنە بىر قارارنامىسى بىلەن، رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

دمىترىي مېدۋېدېۋ تۈنۈگۈن (15-يانۋار) ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى سۇنغان بولۇپ، پۇتىن مىشۇستىننى مېدۋېدۋ بوشاتقان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە كۆرسەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر