خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر مىسىرغا نارازىلىق بىلدۈردى

ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك ئانادولۇ ئاگېنتلىقى خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1341813
خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر مىسىرغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇجارىك كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ قاھىرەدىكى ئىشخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، تۆت خىزمەتچىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «ھەر دائىم مۇخبىرلارنى تۇتۇش ۋە قولغا ئېلىش خەۋەرلىرىدىن ئەندىشە ھېس قىلىمىز. ۋەقەنى سۈرۈشتە قىلىمىز» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «مىسىر ھۆكۈمىتىنى تۇتۇپ كېتىلگەن ئانادولۇ مۇخبىرلىرىنى قويۇپ بېرىشكە، ئەركىن ۋە ئوچۇق مېدياغا رۇخسەت بېرىشكە چاقىرىمىز» دېدى.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى،(CPJ)  مىسىردا تۇتۇپ كېتىلگەن ئانادولۇ مۇخبىرلىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى چاقىرىق قىلدى.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا كوردىناتورى شېرىف مەنسۇر بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «مىسىردا خىزمەت قىلىدىغان مۇخبىرلار دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ھېساب-كىتابلار ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېتىش قورقۇنچى ئاستىدا ئىشلەشكە مەجبۇر بولماسلىقى كېرەك. مىسىر دائىرىلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن ئانادولۇ مۇخبىرلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك. مېديانىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ۋە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، ئاساسسىز خەۋەرلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك» دېدى.

ئۇ مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ مىسىر تەپتىش ئىدارىسى بىلەن ئانادولۇ مۇخبىرلىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئالاقىلاشقانلىقىنى، بىراق مىسىر دائىرىلىرىدىن ھازىرغىچە جاۋاب كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا ئاخبارات ئىنستىتۇتى قانۇن بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى راۋى ر.پراسادا (Ravi R. Prasad) ئانادولۇ مۇخبىرلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئانادولۇ مۇخبىرلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. قاھىرە ھۆكۈمىتى تۆت مۇخبىرنى دەرھال قويۇپ بېرىشى ۋە نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشى كېرەك» دېدى.

بالقان رايونى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى بىرلەشمىسى (ABNA-SE) مەزكۇر ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈردى ۋە بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ مېديا ئەركىنلىكىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر