فىلىپپىندە يانار تاغ پارتلىدى

فىلىپپىن پايتەختى مانىلا ئەتراپىدىكى تائال يانار تېغى پارتلىغاندىن كېيىن، 82 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

1341706
فىلىپپىندە يانار تاغ پارتلىدى
filipinler taal yanardagi1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىندىكى يانار تاغ جايلاشقان باتانگاس (Batangas) ئىشتاتىدىكى تەبىئىي ئاپەتلەرنى ئازايتىش مەركىزىنىڭ باياناتىدا، يانار تاغقا 14 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ياشايدىغان 82 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ، بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلۇپ باشقا رايونلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ھازىرغىچە يانار تاغ پارتلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىككى كىشىنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نۇرغۇن كىشىنىڭ خەتەرگە قارىماي تارقاقلاشتۇرۇلغان رايونلاردىن ئۆيلىرىگە قايتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئۆيلىرىگە قايتقان پۇقرالارنى قايتىدىن تارقاقلاشتۇرۇش مەركىزىگە يۆتكىگەنلىكى تەكىتلەندى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يانار تاغ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردىكى يوللار ۋە تۇرالغۇ رايونلىرىدا يېرىقلار پەيدا بولغان. فىلىپپىن ۋولقان ۋە يەر تەۋرەش بىلىملىرى ئىنىستىتۇتى تائال يانار تېغىدا ھەر قاچان يېڭى پارتلاشلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان.

تائال يانار تېغى 12-يانۋار (2020) پارتلىغاندا، مانىلا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى بەزى ئايروپىلان سەپەرلىرى كېچىكتۈرۈلگەن، 240 ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك يانار تاغ ھېسابلىنىدىغان تائال يانار تېغى فىلىپپىندىكى 10 دىن ئارتۇق بولغان ھەرىكەتتىكى ۋولقان ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

فىلىپپىن تىنچ ئوكيان «ئوت چەمبىرىكى» دەپ ئاتىلىدىغان، يەر تەۋرەش ۋە ۋولقان پارتلاشلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان بەلباغقا جايلاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر