كونگودا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئارمىيە تەرەپ بىلەن خەلق ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 18  كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1341267
كونگودا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانىئېما رايونىنىڭ سالامابىلا كەنتىدىكى بىر كۆمۈر كاننى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان «مايماي ياقۇتۇمبا» ئىسىملىك بىر قوراللىق گۇرۇپپا بىلەن كونگو ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، توقۇنۇشتا 8 ى بالا بولۇپ، جەمئىي 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 كىشى يارىلانغان. ئارمىيە تەرەپ 4 خەلق ئەسكىرىنى بىر تەرەپ قىلغان، ئىككىسىنى قولغا ئالغان. توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايوندا 100 گە يېقىن بالا يوقاپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر