ئىسرائىلىيە نەسرۇللاھقا تەھدىت سالدى

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى يىسرائېل كاتز، لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى باش كاتىپى ھەسەن نەسرۇللاھقا «قوغدىنىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇنى قوغدىيالمايدىغانلىقى»نى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

ئىسرائىلىيە نەسرۇللاھقا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىسرائېل كاتز تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئەرەب تىلىدا بايانات بېرىپ، نەسرۇللاھنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىسرائىلىيەگە تەھدىت سېلىشنى توختاتمىغانلىقىنى، نەسرۇللاھنىڭ مۇشكۇلاتلىرى ئېغىرلاشقانسېرى «چوڭچىلىقى»نىڭمۇ ئېغىرلىشىپ ماڭغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىرانلىق خوجايىنلىرىنىڭ، سۇيىقەست قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن نەسرۇللاھ، كىرىۋالغان قوغدىنىش ئورنىنىڭ يەنە بىر قات ئاستىغا چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى. ئىسرائىلىيەگە دوئېل ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، پاناھلىنىش ئورنىنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولمايدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيە، ھەسەن نەسرۇللاھنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان سۇيىقەستكە ئۇچراپ كېتىشتىن قورقۇپ بىر قوغدىنىش ئورنىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر