ئىراق ھۆكۈمىتى چەت ئەل ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چىقىرىۋېتىش قارارىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئىراق دائىرىلىرى، پارلامېنتنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۈچلىرىنىڭ دۆلەتتىن چىقىرىۋېتىلىشى» توغرىسىدىكى قارارىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق ھۆكۈمىتى چەت ئەل ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چىقىرىۋېتىش قارارىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ۋىليام ۋەردە، «ھۆكۈمەت، پارلامېنتنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشقا چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ دۆلەتتىن چىقىرىۋېتىلىشى توغرىسىدىكى قارارىدىن يېنىۋالمايدۇ» دېدى.

ئۇ، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن، ئەسكەرلەرنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش دائىرىسىدە ئىراقتا تۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى كېلىشىم ئىمزالىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەققىدە توختىلىپ، «ھۆكۈمەت بۇنداق بىر كېلىشىم ئىمزالىمىدى» دېدى.

«پارلامېنت، ھۆكۈمەت ئۈچۈن تەۋسىيە قارارى چىقاردى» دېگەن باياناتچى، مەزكۇر قارارنىڭ بارلىق چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنى مەزمۇن قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىراق پارلامېنتى 5 – يانۋاردا جىددىي يىغىن چاقىرىپ، كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن ئامېرىكا ۋە باشقا چەت ئەل ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن چىقىرىۋېتىلىشى توغرىسىدا قارار ماقۇللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر