ئىران ھۆكۈمىتى نامايىشلارنىڭ رۇخسەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئىران ئەدلىيە باياناتچىسى گۇلام ھۈسەيىن ئىسمائىلى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ باشلانغان نامايىشلاردا تەخمىنەن 30 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىران ھۆكۈمىتى نامايىشلارنىڭ رۇخسەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئەدلىيە باياناتچىسى گۇلام ھۈسەيىن ئىسمائىلى پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ «خاتا ھالدا» چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ باشلانغان نامايىشلارنىڭ رۇخسەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ نىشانغا ئېلىنىشىغا، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىنىشىغا ۋە چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە كەڭ قورساقلىق قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 30 كىشى تۇتۇلدى» دېدى.

تېھران خەلقئارا ئىمام ھۇمەينى ئايرودۇرۇمىدىن ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋغا قاراپ ئۇچقان «737-بويىن» تىپلىق ئايروپىلان، 8-يانۋار (2020) ئەتىگەندە ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتكەن ۋە ئايروپىلاندىكى 176 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

تېھران ھۆكۈمىتى دەسلەپتە ئايروپىلاننىڭ ئىران ئارمىيەسى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلارنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن «خاتا ھالدا» ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. ئىران ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئايروپىلاننىڭ «كرۇز باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى(cruise )» سۈپىتىدە كۆرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئۇكرائىنا ئايروپىلانىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ھەپتە ئاىىرىغا كەلگەندە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر