ئىران چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇكرائىنا ئايروپىلانى تەكشۈرۈشى دائىرىسىدە بەزى كىشىلەرنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

ئىران ئەدلىيەسى باياناتچىسى غۇلام ھۇسەيىن ئىسمائىلى، ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش دائىرىسىدە بەزى كىشىلەرنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇكرائىنا ئايروپىلانى تەكشۈرۈشى دائىرىسىدە بەزى كىشىلەرنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئەدلىيەسى باياناتچىسى غۇلام ھۇسەيىن ئىسمائىلى پايتەخت تېھراندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنىڭ فىرانسىيەگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغىنىغا 72 سائەت بولغانلىقى، بۇ جەرياندا بەزى كىشىلەرنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

باياناتچى ئىسمائىلى يەنە، ئەنگلىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلىشى ۋە ئۇ يەردە فوتو – سۈرەت تارتىشىنى «قوبۇل قىلىشنىڭ قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكى»نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ، خەلقئارا قانۇندا بۇ خىل كىشىلەرنىڭ «خالانمىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ ئەنگلىيە باش ئەلچىسىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر