ترامپ: سۇلەيمانىنىڭ ئۆتمۈشى قورقۇنچلۇق...

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۆلتۈرۈلگەن ئىرانلىق گېنېرال قاسىم سۇلەيمانىنىڭ «ئۆتمۈشىنىڭ قورقۇنچلۇق» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ: سۇلەيمانىنىڭ ئۆتمۈشى قورقۇنچلۇق...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۆلتۈرۈلگەن ئىرانلىق گېنېرال قاسىم سۇلەيمانىنىڭ «ئۆتمۈشىنىڭ قورقۇنچلۇق» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن يېقىن خەۋپ پەيدا قىلىپ – قىلمايدىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ، سۇلەيمانىغا قىلىنغان ئامېرىكا ھاۋا ھۇجۇمى ۋە ئۇنىڭ ۋاقتىدىن نارازى بولغان دېموكراتىك قاناتقا تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «دېموكراتچىلار ۋە يالغانچى مېدىيا 20 يىل بۇرۇن قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر ئىشنى پەقەت مەن قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا تېررورچى سۇلەيمانىنى مۇكەممەل بىر ئادەمدەك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. ئىقتىسادىي ياكى ھەربىي ساھەدە قىلغان ھەر بىر ئىشىم ئاشقۇن سولچى ئىدىيەدىكى دېموكراتچىلار تەرىپىدىن كىچىكسىنمەكتە» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن سۇلەيمانىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا نىسبەتەن جىددىي خەۋپ پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، «يالغانچى خەۋەر مېدىياسى ۋە ئۇلارنىڭ دېموكراتچى شېرىكلىرى، سۇلەيمانىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يېقىندا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىپ – تەييارلانمىغانلىقىنى تەكشۈرمەكتە. جاۋاب، كۈچلۈك شەكىلدە شۇنداق، بىراق (سۇلەيمانى) قورقۇنچلۇق ئۆتمۈشكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ئەھمىيىتى يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دونالد ترامپ، ئىراندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا نامايىشچىلارنىڭ يەردىكى ئامېرىكا بايرىقىغا دەسسىمىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، ۋەقەگە «كاتتا ئۆزگىرىش» دەپ باھا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر