شىۋېتسىيە ئىراندىن تۆلەم تەلەپ قىلدى

شىۋېتسىيە ئىران تەرىپىدىن خاتا ھالدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت يولۇچىلار ئايروپىلانىدا قازا قىلغان پۇقرالىرى ئۈچۈن تېھراندىن تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1340192
شىۋېتسىيە ئىراندىن تۆلەم تەلەپ قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئان لىندې ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراننىڭ سىتوكھولم باش ئەلچىسى سەيد رەسۇل مۇھاجىرنىڭ ئىراندا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقەسى توغرۇلۇق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قازانى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھەمكارلىق تەكلىپى سۇنغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭغا، قازانى تېز ۋاقىت ئىچىدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالىرىمىزنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ قايغۇ – ھەسرەتلىرىنى بىرئاز بولسىمۇ تەسكىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن تېھران تەرەپنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلدۇق، ھەمدە ئىراندىن شۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شىۋېتسىيە پۇقرالىرىنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلدۇق.»

ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت  « Boeing 737-800 » تىپلىق  يولۇچىلار ئايروپىلانى 8 – يانۋار كۈنى ئىمام ھۇمېينى ئايرودۇرۇمىدىن قوزغىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتكەنىدى.

قازادا، ئىران، ئۇكرائىنا، كانادا، ئافغانىستان، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە ۋە ئەنگلىيە پۇقرالىرىدىن تەشكىل تاپقان 176 يولۇچى بىلەن ئايروپىلان خادىملىرى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

ئىران ئىلگىرى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئايروپىلاننى خاتا ھالدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر