پۇتىن مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1340721
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پۇتىن بىلەن مېركېلنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە لىۋىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «تېلېفون سۆھبىتىدە، لىۋىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىش نىشان قىلىنغان بېرلىن كونفېرانسىغا تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەش باسقۇچى مۇزاكىرە قىلىندى. پۇتىن، لىۋىيەدىكى تەرەپلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا موسكۋادا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشلار ھەققىدە مېركېلگە مەلۇمات بەردى.»