ئاۋستىرالىيەدىكى ئوت ئاپىتى كونترول ئاستىغا ئېلىندى

ئاۋستىرالىيەدە بىر قانچە ئايدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان دالا ئوت ئاپىتىنىڭ بىر قىسمىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئاۋستىرالىيەدىكى ئوت ئاپىتى كونترول ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە پاژارنى مەسئۇللىرى ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن، يېڭى جەنۇبىي گاللېر ئىشتاتىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈشتە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ياخشى ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئوتنىڭ بىر قىسمىنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاۋستىرالىيە مېتېرولوگىيە ئىدارىسى ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىدىمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2019-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان سىدنېي شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان گوسپېرس (Gospers) تېغىدىكى ئوتنىڭ يامغۇر سايىسىدا كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئاۋستىرالىيە مىقياسىدا بىر قانچە ئايدىن بۇيان كونترول قىلىنالمىغان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن 10 مىليون گېكتارلىق جاي زىيانغا ئۇچرىدى، 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆيى كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى، يېرىم مىليون ئەتراپىدا ھايۋانلار كۆيۈپ كەتتى.

ۋىكتورىيا (Victoria) ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى دانىيېل ئەندجرۇس (Daniel Andrews) ئوت ئاپىتىنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىغا يېقىنلىشىشى بىلەن تەخمىنەن 4 مىڭ كىشى دېڭىز ساھىلىدا پاناھلانغان ماللاكۇتا (Mallacoota) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە رايون ۋە بىر يېزا ئۈچۈن ئاپەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئاۋستىرالىيە مىقياسىدا سېنتەبىردىن باشلاپ داۋاملاشقان ئوت سەۋەبىدىن 27 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر