ئىراندا ئايروپىلان قازاسىدىن كېيىن باشلانغان نامايىشلار تۈنۈگۈنمۇ داۋام قىلدى

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆلۈشكۈن باشلانغان ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلار تۈنۈگۈنمۇ داۋاملاشتى.

ئىراندا ئايروپىلان قازاسىدىن كېيىن باشلانغان نامايىشلار تۈنۈگۈنمۇ داۋام قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھراندىكى ئازادى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، «دۈشمىنىمىز بۇ يەردە، يالغاندىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دېيىشمەكتە»، «دېكاتورغا ئۆلۈم»، «مېنى پىتنىخور دېمە، پىتنىخور دېگەن سەن» دېگەندەك شوئارلار توۋلاندى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى نامايىشچىلارغا تاياق ۋە ياش ئاققۇزۇش گازلىرىنى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى.

سابىق پىرېزىدېنت ئەلى ئەكبەر ھاشىمى رافسانجانىنىڭ قىزى فائىزە ھاشىمىمۇ نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىرانلىق لىدېرلارنى نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرمەسلىككە چاقىردى؛ ئۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «مىڭلارچە ئادەمنىڭ ئاللىقاچان ئىران ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ياكى تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «دۇنيا كۆزەتمەكتە، ھەممىدىن مۇھىمى ئامېرىكا كۆزەتمەكتە. ئىنتېرنېتنى ئېچىۋېتىڭلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىڭلار! بۈيۈك ئىران خەلقىڭلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى توختىتىڭلار!» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

8 – يانۋاردا تېھران ئىمام ھۇسەيىن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىئېۋغا قاراپ يولغا چىققان بويېڭ 737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 176 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ئايروپىلاننىڭ ئىران ئارمىيەسى تەرىپىدىن بومبا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلارنى رەت قىلغان تېھران دائىرىلىرى، ۋەقە يۈز بېرىپ 3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ «كرۇز (سەير) بومبىسى» دەپ قارىلىپ، قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن سەۋەنلىك بىلەن چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.


خەتكۈچ: نامايىش , ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر