ئىران ئەنگلىيەگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

ئىران، ئەنگلىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى روب ماكائىرنىڭ پايتەختتىكى «قانۇنسىز نامايىشلار» غا قاتناشلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ لوندون ھۆكۈمىتىگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى.

ئىران ئەنگلىيەگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ماكائىرنىڭ «بىنورمال ھەرىكىتى ۋە قانۇنسىز نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلغانلىقى» سەۋەبىدىن مىنىستىرلىققا چاقىرتىلىپ، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي نارازىلىق ئۇلتىماتومىنىڭ ھەم ئۇنىڭغا ھەم لوندون ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلغان باش ئەلچى ماكائىر، قىسقا ۋاقىت نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنىدى.

ئىراندىكى ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرى ماكائىرنىڭ نامايىشقا قاتناشقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۈنۈگۈن ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر