ئافغانىستاندا شىددەتلىك يامغۇر جان ئالدى

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قەندىھار ۋە ھېلماند ۋىلايەتلىرىدە توختىماي ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ، 11 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئافغانىستاندا شىددەتلىك يامغۇر جان ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندىھار ۋالىي مەھكىمىسى بىر قانچە كۈندىن بۇيان توختىماي ياغقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەب بولغان سۇ ئاپىتىدە، سەككىز كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 14 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھېلماند ۋالىي مەھكىمىسى شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان سۇ ئاپىتىدە، ئۈچ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، توققۇز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر