تۈركىيە بىلەن رۇسىيە لىۋىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ موسكۋادىكى لىۋىيە تېمىلىق يىغىنى باشلاندى.

1339873
تۈركىيە بىلەن رۇسىيە لىۋىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە تېمىلىق يىغىندا، لىۋىيەدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

لىۋىيە تەرەپتىن، قانۇنلۇق بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى فايىز ئەسساراج بىلەن ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغان خەلىفە ھافتەرنىڭ موسكۋادا ئۇچرىشىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

دىپلوماتىك مەنبەلەر، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ھاكان فىداندىن تەركىپ تاپقان تۈركىيە ھەيئىتى، موسكۋادا لىۋىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى فايىز ئەسساراج بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 8-يانۋار لىۋىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

12-يانۋار (2020) لىۋىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان ھافتەر كۈچلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن، ئۇرۇش توختىتىش ئىجرا قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر