قاتار ئەمىرى ئىراننى ئۇشتۇمتۇت زىيارەت قىلدى

ئىران رەھبىرى ئەلى ھامەنېي رايوننىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ چىقارغان فىتنە-پاساتلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

قاتار ئەمىرى ئىراننى ئۇشتۇمتۇت زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامېد ئالسانى تۈنۈگۈن (12-يانۋار) تېھراننى ئۇشتۇمتۇت زىيارەت قىلىپ، ئىران رەھبىرى ئەلى ھامەنېي بىلەن كۆرۈشتى.

ئەلى ھامەنېينىڭ ئىشخانىسى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىران رەھبىرى ئەلى ھامەنېي رايوننىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىرى چىقارغان فىتنە-پاساتلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رايون دۆلەتلىرى چەت ئەللىكلەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سالماسلىقى لازىم» دېدى.

ئۇ ئىراننىڭ بىر قانچە قېتىم رايون دۆلەتلىرى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭمۇ بۇنى ناھايىتى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەلۋەتتە، دۇنيانىڭ بىر چېتىدىن رايونغا كەلگەنلەر، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى خالىمايدۇ، ئەمما بۇ مەسىلە ئۇلارغا مۇناسىۋەتسىز. رايون دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرى ئەمدى بۇنداق زورلاشلارنى ۋە ئارىلىشىشلارنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى.

ئۇ رايوننىڭ مۇۋاپىق شەرتلەرگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ چىقارغان فىتنە-پاساتلىرى، بۈگۈنكى شەرتلەرنىڭ سەۋەبى. رايون ئارىسىدا ئورنىتىلىدىغان ھەمكارلىقلار، بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى» دېدى.

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامېد ئالسانى ئىران رەھبىرى ئەلى ھامەنېينىڭ رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئىشىنىمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر