ترامپ: نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئەڭ تەبىئىي ھەققىم

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1339193
ترامپ: نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئەڭ تەبىئىي ھەققىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئوخايو ئىشتاتىنىڭ تولېدو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا كەڭ خەلق ئاممىسىغا خىتاب قىلغاندا، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئۆزىگە بېرىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى مەن كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق بىر دۆلەتنى قۇتقۇزۇپ قالدىم، كېيىن ئاڭلىشىمچە، بۇ دۆلەتنىڭ رەھبىرى دۆلىتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنمىش. بۇ ماڭا نىسبەتەن ھەقسىزلىق بولۇپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ماڭا بېرىلىشى كېرەك.»

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى، قوشنا دۆلەت ئېرىتىيە بىلەن ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبلىك، ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەڭ ياش دۆلەت رەھبىرى بولغان 34 ياشلىق ئېپىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابى ئەھمەد ئەلىغا بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر