ئىران ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنى فىرانسىيەگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تېھران، ئىران ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن «سەۋەنلىك» بىلەن چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنى فىرانسىيەگە ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

1338866
ئىران ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنى فىرانسىيەگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئورگىنى قازا ئىشلىرى ئىشخانىسى باش مۇدىرى ھەسەن رىزايىفەر ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرناغا بايانات بېرىپ، ئىراننىڭ ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئوقۇشقا يەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «كانادا، فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئوخشاش دۆلەتلەردىن قارا قۇتىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ چۈشۈرۈلۈشى ئۈچۈن تېگىشلىك يۇمتاللارنى ئىرانغا بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق، بىراق بۇ دۆلەتلەر ئىراننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن قارا قۇتىنى دۇنيادىكى بىتەرەپ ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر تەجرىبىخانىلارنىڭ بىرىدە ئوقۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئۇكرائىنا، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىشىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رىزايىفەر، «ئاخىرىدا قارا قۇتىنىڭ فىرانسىيەگە ئەۋەتىلىشىگە قارار قىلىندى. بۇ بەش دۆلەتمۇ قارا قۇتىنىڭ كودلىرىنىڭ فىرانسىيەدە ئوقۇلۇشىغا قوشۇلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر