ئۇكرائىنا ئايروپىلانى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىدا چۈشۈپ كەتتىمۇ؟

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنىڭ ئىراندا تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلى چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1338249
ئۇكرائىنا ئايروپىلانى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىدا چۈشۈپ كەتتىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنا ئايروپىلانى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنىڭ ئىراندا تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلى چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «گۇمانلىرىم بار. باشقىلارنىڭمۇ گۇمانلىرى بار. بۇ بىر تىراگېدىيەلىك ۋەقە. بىر تەرەپتە مەلۇم كىشىلەر خاتا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئايروپىلان ناھايىتى مۇرەككەپ رايوندا ئۇچقان. ئۇ يەردە مەلۇم كىشىلەر خاتا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بەزى كىشىلەر ئايروپىلاننىڭ مېخانىكىلىق سەۋەبتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، بۇ بىر سوئال بەلگىسى. ئىراننىڭ خاتالىق بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئېنىق بىلمەيمەن. بۇ مەسىلىدىكى ھېسسىياتىم ناھايىتى ناچار. ئۇ يەردە ناھايىتى ناچار بىر ئىش بولدى، دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسونمۇ ئۇكرائىنا ئايروپىلان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ «ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئىشەنچلىك ھالدا» ئېلىپ بېرىلىشىنى چاقىرىق قىلدى.

بورىس جونسون 176 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان «737-بويىن» تىپلىق ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «ئۇچۇرلار ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنىڭ ئىراندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قەستەنلىك بىلەن قىلىنمىغان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە: «كۈشكۈرتچىلىك قىلىشنى خالىمايمەن، ئەمما بىز كۆرگەن دوكلاتلار كىشىنى ئەندىشەگە سالىدۇ» دېدى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ كانادا ئىستىخباراتىنىڭ قولىدا، ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنىڭ خاتا ھالدا ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھەم كانادا ئىستىخبارات ئىدارىسى ھەمدە بەزى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن ئېرىشكەن ئاخباراتلارنى تىلغا ئېلىپ: «قولىمىزدىكى ئاخباراتلارغا ئاساسلانغان ۋاقتىمىزدا، ئۇكرائىنا ئايروپىلانى قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا ئېتىلغان ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. بۇ قەستەن قىلىنمىغان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ ئايروپىلاننىڭ قانداق تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە قايسى خىل ئۇسۇلدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئاللارغا ئېنىق جاۋاب بەرمىدى. ئەمما، قوللىرىدىكى نۇرغۇن ئاخباراتلاردىن جەزملەشتۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، بەزى كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق ئىرانغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى، ئىراننىڭ بۇ كىشىلەرگە ۋىزا رەسمىيەتلىرىدە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئەلى رەبى بۇنىڭغا جااۋابەن، ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنىڭ، ئامېرىكانىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەلى رەبى يازما باياناتىدا، ئىران خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا ئاساسەن، تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرغانلىقىنى ۋە كومىتېتنىڭ ۋەقەنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تېز سۈرئەتتە دىققەت بىلەن تەكشۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىران خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئابىدزادە: «ئايروپىلان ئاسماندىكى چېغىدا ئوت كەتكەن ۋە كېيىن پارتلاپ كەتكەن. ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇچۇشتىن ئىلگىرىكى ئايرودۇرۇمغا قايتىشقا تىرىشتى، ئەمما چۈشۈپ كەتتى. ئايروپىلانغا ئوت كەتكەن بولۇپ، يەرگە چۈشكەندە پارتلىدى» دېدى.

8-يانۋار (2020) ئىران پايتەختى تېھراندىكى ئىمام ھۇمەينى ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچقان ۋە 176 كىشى ئولتۇرغان ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلانى، كۆككە كۆتۈرۈلۈپ قىسقا ۋاقىت ئۆتكەندە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئايروپىلاندا، 82 ئىرانلىق، 63 كانادالىق، 11 ئۇكرائىنالىق، 10 شىۋېتسىيەلىك، تۆت ئافغانىستانلىق، ئۈچ گېرمانىيەلىك ۋە ئۈچ ئەنگلىيەلىك بىلەن توققۇز ئايروپىلان خادىمى بار ئىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا، ئىران ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقتىن، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر