پومپېيو ناتو باش كاتىپى بىلەن ئىراننىڭ تەھدىتلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ «ئىراننىڭ رايوندا پەيدا قىلغان تەھدىتلىرى» گە مۇناسىۋەتلىك تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس (Morgan Ortagus) مايك پومپېيو بىلەن ستولتېنبېرگنىڭ تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، يىغىندا، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە جاۋابەن ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى ئاين ئەلئەسەد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مايك پومپېيونىڭ ناتونىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ناتونىڭ رايونلۇق خەۋپسىزلىك ۋە خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ ھەسسە قوشۇشى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا يەنە، ئىراننىڭ مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىۋىتىدىغان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.