خوڭكوڭلۇقلاردا روھىي كېسەللىك كۆرۈلدى

خوڭكوڭدا ياشايدىغان ئۈچ كىشىنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشىدە روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكى بايقالدى.

1338653
خوڭكوڭلۇقلاردا روھىي كېسەللىك كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 2009-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان مەزگىللەردە خوڭكوڭدا ياشايدىغان 18 مىڭ كىشى ئۈستىدىن روھىي ساغلاملىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان.

تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدە، 2019-يىلىدىن بۇيان داۋاملاشقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا سەھنە بولغان خوڭكوڭدىكى ئۈچتىن بىر كىشىدە روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ نىسبەت 2015-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا ئالتە ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

خوڭكوڭدىكى يېتىشكەن كىشىلەردە كۆرۈلگەن چۈشكۈنلۈك سەۋىيەسىنىڭ، ئۇرۇش رايونلىرىدا ياشايدىغانلارنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىن ئىكەنلىكى بايقالدى.

تەتقىقاتچىلار خوڭكوڭدا روھىي ساغلاملىققا قارىتا يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تەكشۈرۈش تەتقىقات نەتىجىلىرى «The Lancet» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

2019-يىلى ئىيۇندا خوڭكوڭدا گۇماندارلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى دېموكمراتىيەنى قوغداش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىقلار كۆپەيگەن ئىدى.

قانۇن لايىھەسى 2019-يىلى 23-ئۆكتەبىر رەسمىي قايتۇرۇۋېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشچىلار «دېموكراتىك ئىسلاھات» نى تەلەپ قىلىپ نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.

خوڭكوڭدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، خوڭكوڭ يېڭى يىلغا نامايىش بىلەن كىرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر