ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش قانۇن تەكلىپى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزىدىغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش قانۇن تەكلىپى»، بۈگۈن (2019-يىلى 9-يانۋار) ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

1337677
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش قانۇن تەكلىپى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزىدىغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش قانۇن تەكلىپى»، بۈگۈن پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

قانۇن تەكلىپ لايىھەسى 2019-يىلى 20-دېكابىر ئاۋام پالاتاسىدىكى بېلەت تاشلاشتا 234 كە قارشى 358 ئاۋازغا ئېرىشىپ، قانۇن ئايلىنىش باسقۇچىدىكى تۇنجى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق باسقان ئىدى.

ئاۋام پالاتاسىىڭ تەستىقىغا ئېرىشىشى كۈتۈلۈۋاتقان لايىھە، پارلامېنتنىڭ يۇقىرى قانىتى بولغان لوردلار پالاتاسى ۋە پادىشاھ 2-ئېلىزابىتنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇنغا ئايلىنىدۇ.

قانۇن تەكلىپىنىڭ قانۇنغا ئايلىنىشى بىلەن، 2020-يىلى 31-يانۋار ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي چېكىنىشى ئۈچۈن ھېچقانداق توسقۇنلۇق قالمايدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمى ئۆتكەن يىلى ئاۋام پالاتاسىدىكى بېلەت تاشلاشتا يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنش ۋاقتى ئۈچ قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر