ئېسپېر ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر(Mark Esper) تۈنۈگۈن كېچە ئىراننىڭ ئۈچ رايونىدىن ئىراقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان ئىككى بازىغا 16 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى، ھۇجۇمدا ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1337640
ئېسپېر ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر، ئامېرىكا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى مارك مىللېي (Mark Milley)، كونگرە ئەزالىرى ئۆزئارا كۆرۈشكەندىن كېيىن، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مارك ئېسپېر: «تۈنۈگۈن كېچە (8-يانۋار) ئىراننىڭ ئۈچ رايونىدىن قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەنلىكى بايقالغان 16 باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئامېرىكا ۋە بىرلەشمە قىسىم ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشقان ئىككى بازىغا ئېتىلدى. 11 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەلئەسەد بازىسىغا، بىرسى ئەربىل بازىسىغا چۈشتى. ئەلئەسەد بازىسىدا بەزى ئىسكىلاتلار، تاكسى يوللىرى، ماشىنا توختىتىش جايى ۋە بىر تىك ئۇچار زىيانغا ئۇچرىدى، ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىدى. بىرلەشمە قىسىمدا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدە، دوست دۆلەتلەر قىسمىدا ياكى توختاملىق خىزمەتچىلەردە ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىدى» دېدى.

ئۇ ھۇجۇمدىن بۇرۇن ئامېرىكا بىلەن ئىراققا خەۋەر يەتكۈزۈلگەن ياكى يەتكۈزۈلمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرمىدى، ئەمما باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ قالايمىقان بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىلىرىنىڭ ھۇجۇملارنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ شىئە قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئىران قانچىلىك مۇناسىۋىتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئايرىم تۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئىراندىن بىۋاستە يوليورۇق ئالغان ياكى ئالمىغان شىئە قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە، ئۇ يەرلەردىكى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئاساسىغا سىياسىي ياكى ھەربىي جەھەتتىن ئورا كولاش ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر