ئىران تەھدىتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىران ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى ئەبۇلفازىل شىكاراچى ئىراقتىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا قىلغان ھۇجۇم ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىنتىقامنىڭ ھەممىسى» دەپ قارىمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1337604
ئىران تەھدىتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەبۇلفازىل شىكارچى پارس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ھەربىي نۇقتىلىرىنى رايوندىن چېكىندۈرگىچە جەڭ مەيدانىدا تۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ يوقلۇقىنى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان بازىغا چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ رايوندا ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ساۋاققا ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بۈگۈن (تۈنۈگۈن، 8-يانۋار) قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئىنتىقامنىڭ ھەممىسى دەپ قارىمايمىز. ھەقىقىي ئىنتىقام شۇنداق سەۋىيەدە بولىدۇكى، ئامېرىكالىقلار ھەممە نەرسىلىرىنى توپلاپ رايوندىن كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ» دېدى.

ئۇ ھۇجۇمدىن بۇرۇن ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن ھەربىي بازىلارنىڭ بوشىتىلغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ كۈلكىلىك يالغاندۇر. پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، دۈشمەنگە تەستەك ئېتىش روھىغا زىت. ئامېرىكانى قاتىل دۈشمەن سۈپىتىدە كۆرىمىز. ئامېرىكالىقلار نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن يالغاننى توقۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ تېھراندا چۈشۈپ كەتكەن ئۇكرائىنا يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقەسى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇ ئايروپىلاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر