تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك سۈرىيەدە 40 دائېش ئەزاسىنى قويۇپ بەردى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى ھەسەكە ۋىلايىتىدە تۇرمىلاردا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان دائېش ئەزاسى 40 تېررورچىنى قويۇپ بەردى.

1337984
تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك سۈرىيەدە 40 دائېش ئەزاسىنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك 40 نەپەر دائېش تېررورچىلىرىنى ئەرەب قەبىلىلەرنىڭ كېپىللىكى بىلەن قويۇپ بەرگەن. 

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ تۈركىيە تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى باشلىغاندا يۈزلىگەن دائېش تېروررچىسىنى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى قويۇپ بەرگەن ياكى قېچىشىغا كۆز يۇمغان ئىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توسىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئىدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2019يىلى 17نويابىردا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ تېل ئابياد تۇرمىسىدىن دائېشقا ئەزا 800 تېررورچىنى قويۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

مۇشۇ ئىككى ئاي ئىچىدىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك ھەسەكەدىكى ھول تۈرمىسىدىن مىڭدىن ئارتۇق دائېش ئەزاسىنى ۋە ئائىلىلىرىنى قويۇپ بەردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر