ئىران تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1336702
ئىران تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېينىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە جاۋاب قايتۇرۇش سېنارىيەسى ئىدى.»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن ھۇسامەتتىن ئاشېنا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى بىر ھەربىي ھەرىكەت ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراننىڭ ئۆز پۇقرالىرى نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 51 – ماددىسىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز سۈركىلىش ياكى ئۇرۇشنى خالىمايمىز، بىراق ھەرقانداق شەكىلدە ھۇجۇمغا ئۇچرىساق، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى قوغدايمىز.»

ئىران باش ئىشتاب باشلىقى  بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد باقىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي بازىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ، سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارىتا ئىران ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكىغا قايتۇرغان ئەڭ كىچىك شەكىلدىكى جاۋابى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۇجۇمىغا تېخىمۇ كەسكىن ۋە تېخىمۇ شىددەتلىك شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىمىز. ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ <دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىراننىڭ كۈچى> نى بىلىشى ۋە بۇ ھەقتە پىرىنسىپلىق پوزىتسىيە تۇتۇشلىرىنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ئامېرىكا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رايوندىن قوشۇنىنىڭ چېكىندۈرۈشى كېرەك.»

ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسى، گېنېرال قاسىم سۇلايمانىنى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق ئۆلتۈرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئىككى ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغان، ھۇجۇمدا 80 ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر