باغداد: ئىراننىڭ ھۇجۇمىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىز تالاپەتكە ئۇچرىمىدى

ئىراق دائىرىلىرى، ئىراننىڭ ئىراق تەۋەلىكىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1336699
باغداد: ئىراننىڭ ھۇجۇمىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىز تالاپەتكە ئۇچرىمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق خەۋپسىزلىك مېدىيا تورى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىراق زېمىنلىرى سائەت 01:45 بىلەن 02:15 ئارىسىدا 22 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. مەزكۇر بومبىلارنىڭ 17سى ئەينۇلئەسەد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا، 5ى ئەربىل (دىكى ئامېرىكا بازىسىغا) تەگدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ بازىلىرىغا چۈشكەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى سېپىدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر