ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى ھىندى ئوكيانغا بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەۋەتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىرانغا قارشى ھىندى ئوكيانغا بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەۋەتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1336262
ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى ھىندى ئوكيانغا بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەۋەتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق بىر ئەمەلدارنىڭ «‹ CNN › تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىران بىلەن بولغان سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تېھرانغا قارشى تەدبىر قوللىنىش مەقسىتىدە، ھىندى ئوكياندىكى دېيگو كاركىئا ئارىلىغا، «6 B-52 » تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەۋەتىدىكەن. بومباردىمانچى ئايروپىلان ئىرانغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىنىش ئۈچۈن بۇيرۇق كۈتىۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، تېخىچە بىرەر ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈرۈلمىگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا،  ھىندى ئوكيانىڭ  جەنۇبىغا جايلاشقان دېيگو كاركىئا ئارىلى، ئىراندىن تەخمىنەن 4 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  «6 B-52 » تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى رايوندىكى بىر ھەربىي بازىسىغا ئەمەس، ئەكسىچە ھىندى ئوكياندىكى بىر ئارالغا ئەۋەتىشىنىڭ سەۋەبى، مەزكۇر ئارالنىڭ ئىراننىڭ 2 مىڭ كىلومېتىرلىق «شېھاب» ۋە 2500 كىلومېتىرلىق «سۇمار» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ مۇساپىسىنىڭ سىرتىدا قېلىشى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر