سۇلايمانىنىڭ ئىنتىقامى ئۈچۈن 13 خىل سېنارىيە

قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئىنتىقامى ئۈچۈن ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ 13 خىل سېنارىيەنى بېكىتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1336280
سۇلايمانىنىڭ ئىنتىقامى ئۈچۈن 13 خىل سېنارىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت بىخەتەرلىك ئالىي كېڭىشى باش كاتىبى ئەلى شەمخانى ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى قىسمىغا قاراشلىق قۇددۇس ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە جاۋابەن، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ 13 خىل سېنارىيە ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

مېھىر خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەلى شەمخانى: «كېڭەش يىغىنىدا سۇلايمانىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن 13 خىل سېنارىيە كۈنتەرتىپكە كەلدى. ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك سېنارىيە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تەقدىردىمۇ ئامېرىكالىقلارغا نىسبەتەن تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر تىراگېدىيە بولىدۇ» دېگەن.

شەمخانى مەزكۇر سېنارىيەلەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئىران رەھبىرى ئەلى ھامېنىينىڭ «بارلىق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىمىز سۇلايمانىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىپ، قايتۇرۇلىدىغان جاۋابنىڭ بىر ھۇجۇم بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

رايوندا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چارلاشلارنى ئازايتىپ، بازىلىرىغا چېكىنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن شەمخانى: «رايوندا 19 ئامېرىكا بازىسى بار، 11 بازا شەرقىي ۋە غەربىي چېگرامىزغا يېقىن. شىمال ۋە جەنۇبىمىزدىكى 8 بازىسى جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ يەرلەردىكى ئەسكەرلىرى ۋە قورال ئەسلىھەلىرى ھەققىدە مەلۇماتىمىز بار. ئەڭ كىچىك ھەرىكەتلىرىنىمۇ كۆزىتىپ كەلمەكتىمىز» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) سۇلايمانى ۋە ھەشدىش شەئبى مۇئاۋىن باشلىقى ئەبۇ مۇھەندىس قاتارلىق جەمئىي 10 كىشىنىڭ، 3يانۋاردا ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ ھامېنې ۋەقەدىن كېيىن ئېلان قىلغان دەسلەپكى باياناتىدا، چوقۇم ئىنتىقام ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر