ئىران «يادرو كېلىشىمى» نى توڭلىتىپ قويدى

ئىران «يادرو كېلىشىمى» نىڭ بەلگىلىمىلىرىنىڭ ھېچبىرىگە رىئايە قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1335552
ئىران «يادرو كېلىشىمى» نى توڭلىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تېھراننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن «يادرو كېلىشىمى» نىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش،  ئامباردا ساقلاش، تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننىڭ سېنترىفۇگ ساينىغا ھېچقانداق چەكلىمە قويمايدىغانلىقى، دۆلەتنىڭ يادرو پىروگراممىسىنىمۇ تېخنىكىلىق ئيھتىياجلارغا ئاساسەن ئىجرا قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى، ھەمدە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقى،  ئېمبارگولار بىكار قىلىغان ۋە ئىراننىڭ مەنپەئەتلىرى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان تەقدىردە، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىم تۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ئەلى شەمھانى، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىگە قاراشلىق قۇددۇس كۈچى قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنى ئۆلتۈرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا «چوقۇم ھەربىي شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى» ئېيتتى.

ئىراننىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەلى مەملۇك بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان شەمھانى، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىراننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قايتۇرىدىغان جاۋابى چوقۇم ھەربىي شەكىلدە بولىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ھەربىي شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر