ئامېرىكانىڭ كېنىيەدىكى ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ ئامېرىكانىڭ كېنىيەدىكى ماندا بوغۇزى ھەربىي بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، بىر ئامېرىكا ئەسكىرى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى توختاملىق خىزمەتچىسى جېنىدىن ئايرىلدى.

1335298
ئامېرىكانىڭ كېنىيەدىكى ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئافرىقا قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابى (AFRICOM) كېنىيەدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ئافرىقا قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا: «شەرقىي ئافرىقادا ئەل قائىدەنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئەششەبابنىڭ ماندا بوغۇزىدىكى ھەربىي بازىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى توختاملىق خىزمەتچىسى جېنىدىن ئايرىلدى، مىنىستىرلىقنىڭ ئىككى خىزمەتچىسى يارىلاندى» دېيىلدى.

باياناتتا، ھەربىي بازىغا توپ ئېتىلغانلىقى ۋە يىنىك تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئىكەن.  ھۇجۇمدا، خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ئالتە ئايروپىلانى زىيانغا ئۇچرىغان.

كېنىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا، ھۇجۇمنىڭ تارمار قىلىنغانلىقى ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، ئەششەبابنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن قورال-ياراغنىڭ ئولجا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا: «تېررورىستلارنىڭ تۈزگەن پىلانلىرى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىدى ۋە ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر