ئەلى ئەكبەر: بۇ رايون ئامېرىكاغا ئىككىنچى ۋىيېتنام بولۇپ قالىدۇ
ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ ھامانېينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مەسلىھەتچىسى ئەلى ئەكبەر ۋىلايىتى ئامېرىكانىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە بولغاندا بۇ رايوننىڭ ئامېرىكاغا نىسبەتەن 2 – ۋىيېتنامغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فارس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئەلى ئەكبەر ۋىلايىتىنىڭ تېھراندىكى شەھىد بەھشەتى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن، ئىران ئىنقىلاپ مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىغا قاراشلىق قۇددۇس ئارمىيەسى قوماندانى سۇلايمانىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىكى نۇتۇقىدا، «ئامېرىكالىقلار سۇلايمانىنى ئۆلتۈرۈرپ ئەخمەقلارچە بىر ئىش قىلدى. رايوننى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى كېرەك. ئەگەر ئامېرىكا رايوندىن چىقىپ كەتمىسە، ئۇلار ئۈچۈن ئىككىنچى ۋىيېتنام بولۇپ قالىدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئەلى ئەكبەر ۋىلايىتىنىڭ يەنە، سۇلايمانىنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ۋە ئىران– رۇسىيە ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.