ترامپ ئىرانغا تەھدىت سالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران رايوندىكى ئامېرىكا خادىملىرى ياكى نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە تېز ھەم تەڭپۇڭسىز بىر شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1335543
ترامپ ئىرانغا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئامېرىكا – ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا قارىتا تاشلىغان قەدەملىرى توغرۇلۇق دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات سۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىران رايوندىكى ھەرقانداق بىر ئامېرىكا خادىمى ياكى نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، تېز ھەم تەڭپۇڭسىز بىر شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىمىز. قانۇنىي جەھەتتىن بىزنىڭ بۇ ھەقتە دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات سۇنۇش مەجبۇرىيىتىمىز يوق،  شۇنداقتىمۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر