خۇەن گۇايدو ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنالمىدى

ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدو رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دۆلەت پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىگە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ قوللىشى بىلەن لۇئىس پاررا (Luis Parra) سايلاندى.

1335272
خۇەن گۇايدو ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنالمىدى
Juan Guaido1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لۇئىس پاررا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ قوللىشى بىلەن، ۋېنېزۇئېلا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

 ۋېنېزۇئېلا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خۇەن گۇايدو دۆلەت پارلامېنتى رەئىسلىكىگە قايتا سايلانماقچى بولغان. بىراق، بولىۋارچى دۆلەت مۇھاپىىزەت قىسمى ئەزالىرى خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان ۋە بېلەت تاشلاشقا توسقۇنلۇق قىلغان. نەتىجىدە، دۆلەت پارلامېنتىنىڭ يېڭى رەئىسى سايلانغان. خۇەن گۇايدونى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنتقا كىرەلمىگەن بولۇپ، لۇئىس پاررا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋېنېزۇئېلا بىرلەشمە سوتسىيالىست پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ياردىمىدە، پارلامېنتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

لۇئىس پاررانى رەئىسلىككە سايلىغان ۋە خۇەن گۇايدونىڭ رەئىسلىكىنى ئاخىرلاشتۇرغان پارلامېنت يىغىلىشىدا، بېلەت تاشلانغان ياكى تاشلانمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

خۇەن گۇايدونىڭ داۋاملىق رەئىس بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ئۆكتىچىلەر سايلامنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆكتىچىلەر پارلامېنت سىرتىدا ئۆكتىچى «ئېل نەشىنال» (El Nacional) گېزىتىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، خۇەن گۇايدونىڭ پارلامېنتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىلدۈرۈلىشىچە، خۇەن گۇايدو گېزىت بىناسىدىكى باشقا نامزات بولمىغان سايلامدا، 100 ئاۋاز بىلەن سايلانغان.

 ئامېرىكانىڭ قوللىشىدىكى خۇەن گۇايدونىڭ كىشىلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەت پارلامېنتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدىكى باياناتتا، خۇەن پابلو گۇانىپا (Juan PabloGuanipa) نىڭ لۇئىس پاررانىڭ بىرىنچى ياردەمچىلىكىگە سايلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ قانۇنلۇق پىرېزىدېنت ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلىپ، خۇەن گۇايدونىڭ «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان غەربنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرى، بۇ قېتىممۇ دۆلەت پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان لۇئىس پاررانىڭ قانۇنلۇق رەئىس ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر