ئىراق باش مىنىستىرى ئامېرىكىنىڭ سۇلەيمانىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۇلەيمانى، مۇھەندىس ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1334102
ئىراق باش مىنىستىرى ئامېرىكىنىڭ سۇلەيمانىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىگە قاراشلىق قۇدۇس كۈچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى قاسىم سۇلەيمانىنى ۋە ھەشدۇششەئبىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ئەبۇ مەھدى ئەلمۇھەندىسنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۇلەيمانى، مۇھەندىس ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

«سۇلەيمانى ۋە مۇھەندىسنىڭ دائېشقا قارشى زەپەردە سىمۋوللۇق لىدېرلار بولغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىراق باش مىنىستىرى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىراقلىق ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ سۇيىقەستى ئىراق خەلقى، دۆلىتى ۋە ھۆكۈمىتىگە قىلىنغان دۈشمەنلىكتۇر. ئىراقلىق ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر (ئىران) دىن كەلگەن ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئىراق زېمىنلىرىدا يوقىتىپ تاشلىنىشى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشتۇر، ۋەتەننىڭ شەرىپىگە قىلىنغان ھۇجۇمدۇر. يەنە كېلىپ بۇ ھۇجۇم، ئىراق ۋە رايوندا ۋەيران قىلغۇچ بىر ئۇرۇشنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقتى. ھۇجۇم، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىكى مەۋجۇدىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك شەرتلەرگىمۇ خىلاپتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ھۇجۇم توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن پارلامېنتنى جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

ئۇ، ئىراقنىڭ رەسمىي پوزىتسىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، بىخەتەرلىك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشى دائىرىسىدە زۆرۈر قارارلارنىڭ چىقىرىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ مەزكۇر چاقىرىقنى ئېلان قىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر